ئامېرىكا سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغان خىتاي ئۆز جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇ بىن ئىسىملىك خىتاي 2014-يىلى خاككېرلىق يولى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بويېن ۋە باشقا ھەربىي ئايروپىلانلىرىغا دائىر سودا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇ بىن ئىسىملىك خىتاي 2014-يىلى خاككېرلىق يولى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بويېن ۋە باشقا ھەربىي ئايروپىلانلىرىغا دائىر سودا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. مۇشۇ چارشەنبە كۈنى ئېچىلغان سوتتا 50 ياشلىق مەزكۇر خىتاي ئۆز جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، سۇ بىن ۋە ئۇنىڭ ئىككى خىتاي شېرىكى 2008-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە شىركەتلىرىنىڭ تور ئامبىرىدىن «سەزگۈر ھەربىي مەلۇماتلارنى ئوغرىلىغان ۋە قانۇنسىز ھالدا خىتايغا ئېلىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرگە زور ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلگەن.»

سوت ھۆججەتلىرىدە سۇ بىننىڭ كىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شۇنداق قىلغانلىقى ئېيتىلمىغان بولسىمۇ، مەزكۇر تېما خىتاي بىلەن ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشتا ئىزچىل تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.

سۇ بىنغا ھۆكۈم ئېلان قىلىش سوتى 13-ئىيۇل كۈنى ئېچىلىدىغان بولۇپ، سۇ بىنغا بەش يىللىق قاماق جازاسى ھەمدە 250 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org