خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.05.15

ئامېرىكادىكى «ۋايىس» ئاگېنتلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر ئاگېنتلىقىنىڭ 15-ماي ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بۇرۇن ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، يېمەك-ئىچمەك، مىللىي كىيىم-كېچەك ۋە سەنئەتى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى نامايان قىلىپ كەلگەنلىكى، بىراق ھازىر بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي توختىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە تەكىتلىشىچە، بۇ پائالىيەتنىڭ توختاپ قېلىشىغا ھازىرقى كارانتىن سەۋەب بولمىغان، بەلكى جاسۇسلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىق سەۋەب بولغان ئىكەن. خەۋەردە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرگەن خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ كىملىكى تىلغا ئېلىنمىغان، لېكىن «قورقۇنچ ۋە گۇمانخورلۇق جامائەتنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە نۇرغۇن پائالىيەتلەرگە مۇناسىۋەتسىز ياكى نامەلۇم ئۇيغۇرلار تەكلىپ قىلىنىپ، پائالىيەتلەرنىڭ «قىزىللىشىپ» كەتكەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆز جامائىتىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش بەدىلىگە ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر خىتاينىڭ بېسىمى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئەندىشە قىلىپ سۈكۈت قىلىش يولىنى تاللىغان بولسىمۇ، لېكىن كېرىم زاھىر ۋە ئۇنىڭ قىزى دىل زاھىردەك تەھدىت ۋە زوراۋانلىققا باش ئەگمىگەن ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.