خىتايغا ئۇرۇش ئايروپىلان ماتورى سېتىشقا ئۇرۇنغان بىر خىتاي ئايال جىنايەت سادىر قىلدى، دەپ قارالدى

ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدا بىر فېدىراتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ زاسېداتىللار ئۆمىكى جۈمە كۈنى خىتايغا ئۇرۇش ئايروپىلان ماتورى، ئۇچقۇچىسىز ھەربىي ئايروپىلانغا ئائىت ۋە باشقا تېخنىكىلىق سانلىق ئۇچۇرلارنى سېتىشقا ئۇرۇنۇپ قولغا ئېلىنغان بىر خىتاي ئايالغا جىنايەت سادىر قىلغان، دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، 45 ياشلاردىكى مەن ۋېنشيا ئىسىملىك خىتاي ئايال ئامېرىكا قورال-ياراق ئېكسپورت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 20 يىل تۈرمىدە ياتىدىكەن.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، بۇ ئايال ساتماقچى بولغان ئايروپىلان ماتورى F-35، F-22، F-16تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، ئۇچقۇسىز ھەربىي ئايروپىلاننىڭ «دوزاخ ئوتى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانى. مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ ماتورىنى لوكھېد مارتىن شىركىتى ئىشلەپچىقارغان.

زاسېداتىللارنىڭ قارارىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەن ۋېنشيا يېشىل كارت بىلەن ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ AFM E ئېلېكترون ناملىق بىر شىركەتنى باشقۇرغان. بۇ جەرياندا ئۇ جاڭ شىنشېڭ ئىسىملىك بىر خىتاي پۇقراسى بىلەن ھەمكارلاشقان.

زاسېداتىللارنىڭ ئۇچۇرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، جاڭ شىنشېڭ مەخسۇس قورال-ياراق سېتىۋېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي ھەربىي تەرەپ ئاگېنتى ئىكەن.