بىر نەپەر خىتاي پۇقراسى ئامېرىكىدا سەزگۈر ھەربىي ماتېرىياللارنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.07.14

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى بىر فېدىرال سوت مەھكىمىسى خىتاي پۇقراسى سۇ بىڭنى 3 يىل 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، سۇبىن 2008-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا سانائەت كومپيۇتېرلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، سۇبىڭ جۇڭگو پۇقراسى بولۇپ، ئۇ كانادانىڭ مەڭگۈلۈك تۇرۇش كارتىسىغا ئىگە ئىكەن. كانادادىكى باش شتابى جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بىر ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنى باشقۇرىدىكەن. ئۇ 2014-يىلى 7-ئايدا كانادادا قولغا ئېلىنىپ، بۇ يىل 2-ئايدا ئامېرىكىدا سوتقا تارتىلغان ۋە ئۆز جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ سۇ بىڭنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.