خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرى ئابلىكىم ئاسىيەنى جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلىغان
2016.07.15
خىتاينىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق دۆلەت ئامانلىق ئورگانلىرى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرى ئاسىيە ئابلىكىمنى ئۆزلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىپ، د ئۇ ق ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىپ تەمىنلەشكە زورلىغان.
ئاسىيا ئابلىكىم ئىلگىرى شىۋېتسىيەدە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ شاڭخەيدىن خىزمەت تېپىپ خىتايغا قايتىپ بارغان ئىكەن. ئاسىيا ئابلىكىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شاڭخەيدە ئۆزىنى شاڭخەي پۇدوڭ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىدىن، دەپ تونۇشتۇرغان خىتاي دۆلەت ئامانلىق خادىملىرى ئۇنى شىۋېتسىيەگە قايتىپ بېرىپ، ئۆزلىرىگە جاسۇسلۇق قىلىشقا، د ئۇ ق نىڭ ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىپ تەمىنلەشكە زورلىغان.
ئۇ بۇ ۋەقەنى رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرىغا ئاشكارىلىغان. ئاسىيە ئابلىكىمنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت ئامانلىق خادىملىرى يەنە ئۇنىڭ نوپۇسىنى ئېلىۋېلىپ، ئۇ «تاپشۇرغان ئالاھىدە ۋەزىپىنى ئورۇنلىغاندىن كېيىن، ئۇنى شاڭخەيدە نوپۇسقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئەمما ئاسىيا ئابلىكىم، ۋىجدانى ۋە ئەخلاقى بۇ ئىشنى قوبۇل قىلالمىغانلىقى، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قىسمەن ئۇيغۇرلارنى ئىشقا سېلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى، پائالىيەتچى ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرىنى ئىزچىل تەقىب قىلىپ كەلگەن.
2009-گېرمانىيە بىلەن شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق 2 جاسۇسلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ئۇيغۇر شىۋېتسىيە پۇقراسى بابۇر مەخسۇت خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە 18 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.









