ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدا يۈ فامىلىلىك ئايال خىتايغا تېخنىكا جاسۇسلۇقى قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 26-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق يۈ فامىلىلىك ئايال خىتايغا تېخنىكا جاسۇسلۇقى قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 21 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
-
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-09-27 -
-
-
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 26-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق يۈ فامىلىلىك ئايال خىتايغا تېخنىكا جاسۇسلۇقى قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 21 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئامېرىكا قانۇن كەسپى تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ تەپسىلىي خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، فلورىدا سوتى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى يۈ فامىلىلىك ئايال ئۈستىدىن سوت باشلىغان.
ئەينى چاغدا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان سوتنىڭ ئەيىبنامىسىدە فلورىدا شتاتىنىڭ ئورلاندو شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق 55 ياشلىق يۈ ئامىننىڭ ئامېرىكىدا مەڭگۈلۈك تۇرۇش رۇخسەتنامىسى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما قولىدا خىتاي پاسپورتى بارلىقى، ئۇنىڭ 2002-يىلدىن 2014-يىلى 2- ئايغا قەدەر بولغان مەزگىلدە ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ سۇ ئاستى غەۋۋاسلىق تېخنىكىسىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاپ، خىتاينىڭ خاربىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا يوللاپ بەرگەنلىكى، سوتنىڭ ئۇنى، قانۇنسىز تېخنىكا ئېكسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىش، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە جاسۇسلۇق قىلىش، پۇل يۇيۇش قاتارلىق 18 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سودا-سانائەت ئۇچۇرلىرى ھەتتا شۇ دۆلەت ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى، مۇتلەق مەخپىي بولغان ھەربىي تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاپ، خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن سوتقا تارتىلىپ جازالانغانلىقى ھەققىدىكى ۋەقەلەر بارغانچە كۆپ ئاشكارىلانماقتا.