بىر خىتاي پۇقراسى ئامېرىكىدا تېخنىكا جاسۇسلۇقى بىلەن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
2016.10.06
چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا سوتى بىر نەپەر خىتاي پۇقراسىنى «تېخنىكا جاسۇسلۇقى» جىنايىتى بىلەن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 46 ياشلىق مو خەيلۇڭ ئامېرىكىدىكى دۇپونت پايېنىر ۋە مونسەنتو شىركىتىگە ئائىت بولغان پاتېنتلىق قوناق ئۇرۇقىنى ئوغرىلاپ، ئۇنى خىتايغا يۆتكەشكە ئۇرۇنغان. ئۇ شۇ مەزگىلدە بېيجىڭدىكى «چوڭ جەنۇبىي يېزا ئىگىلىك تېخنىكا شىركىتى» نىڭ خەلقئارا تىجارەت دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئىكەن.
ئۇ بۇ يىل 1-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئايوۋا شتاتىدىكى سوت تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە چارشەنبە كۈنىدىكى سوتتا جىنايىتى بېكىتىلىپ ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ جازاسىنى ئامېرىكا تۈرمىلىرىدە ئۆتەيدىكەن.
ئامېرىكىدا يېقىنقى يىللاردىن نۇرغۇن كىشى خىتايغا تېخنىكا جاسۇسلۇقى قىلىش بىلەن قولغا ئېلىندى. خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى مۇھىم ئورگانلار ۋە چوڭ شىركەتلەرگە قاراتقان تېخنىكا-ئۇچۇر جاسۇسلۇقى، تور ھۇجۇملىرى ئامېرىكىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان مۇھىم مەسىلە بوپ قالدى. يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتايغا قىلغان زىيارەتلىرىدە بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە.









