خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارغا «قورال» يەرلەشتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى
خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى دەتالاشتا تۇرۇۋاتقان ئاراللارغا قورال يەرلەشتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى
-
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-02-18 -
-
-
خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى دەتالاشتا تۇرۇۋاتقان ئاراللارغا قورال يەرلەشتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» پەيشەنبە كۈنى «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئاراللاردا قورال بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى» دەپ خەۋەر بەرگەن. بىراق خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان بۇ «قوراللار» نىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئىكەنلىكى ئېنىق شەرھلەنمىگەن بىلەن، «مەزكۇر ئاراللاردا مۇداپىئە تەدبىرلىرى ئېلىش يېڭى ئىش ئەمەس» دەپ يېزىلغان.
ئالدىنقى كۈنى تەيۋەن ۋە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ پاراسېل تاقىم ئاراللىرىدىكى ۋۇدىي ئارىلىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى يەرلەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى.
پەيشەنبە كۈنى، فىلىپپىن ئارمىيەسى جەنۇبىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا مەسئۇل قىسىملىرىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ئالېكساندىر لوپېز سۆز قىلىپ: «بۇ خىل قوراللارنى يەرلەشتۈرۈش رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلدى. بۇنداق قوراللارنى ئىشلىتىش نىيىتى بولمىغان كىشى ھەرگىز ئۇنى رايونغا سەپلىمەيدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ۋۇدىي ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرغان بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى HQ - 9 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مۇساپىسى 230 كىلومېتىرغا يېتىپ بارىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ قورالنى «دۈشمەن» ئايروپىلانلىرىغا قارشى ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.