تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى نوپۇس قىرغىنچىلىقى، جۈملىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىۋېتىش توغرىلىق تەييارلىغان تەتقىقات دوكلاتى 2-ئىيۇل ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارادا غولغولا قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك بىر پاكىتنى دۇنياغا ئاشكارىلىدى شۇنداقلا خەلقئارادىكى تاراتقۇلارنىڭ مۇھىم تېمىسى بولۇپ كەلدى.
2-سېنتەبىر دۇنياغا داڭلىق تاراتقۇلاردىن بولغان «ياخو تورى» نىڭ خەۋەرلەر سەھىپىسىدە «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قىلغان دەھشەتلىك ھۇجۇمى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزنىڭ دوكلاتىدا بېرىلگەن ئۇچۇرلار ئاساس قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ بىر مەيدان نوپۇس ئازلىتىش ھەرىكىتىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى، ھامىلە قالغان ئاياللارنىڭ بالىسىنى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكى، ھەيز توختىتىش دورىسى بەرگەنلىكى ياكى تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىۋەتكەنلىكى قاتارلىق جىنايەتلەر كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزۈپ كەلگەن ۋە ئېغىر دەرىجىدە نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى 2015-يىل ئاياغلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىكى چەكلىمىنى كۈچەيتكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، 2014-يىلدىن 2018-يىلغىچە 80 پىرسەنت ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا تۇغۇت چەكلىگۈچ سالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى چەكلەپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىنى توختىتىشقا، جۈملىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ-كۆلەملىك ۋە قورقۇنچلۇق ھۇجۇمىنى توسۇپ قېلىشقا چاقىرىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.