كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ۋە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ جىنايىتىنى توختىتىشقا چاقىردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.08.28

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت(Michelle Bachelet) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى ھەققىدىكى «شىنجاڭ دوكلاتى» نى ئېلان قىلغىنىغا 2 يىل بولغان بىر ۋاقىتتا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 27-ئاۋغۇست كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمدى قەتئىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

2022-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى پاكىتلىق بايان قىلىنىپ، بۇنداق قەبىھ دەپسەندىچىلىكنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىپ كەلگەنىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئاخباراتتا، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە خىتاينى ئەيىبلەيدىغان دوكلاتنى ئېلان قىلغانلىقىنىڭ 2 يىللىقى ھارپىسىدا، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خىتاينى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان زىيانكەشلىكىنى توختىتىشقا بېسىم قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن.

ئاخباراتتا يەنە، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ بىر ياقتىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلق مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى يۈرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ جىنايەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مايا ۋاڭ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە، بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر بۇ ئىشنى بوش قويۇۋەتمەسلىكى، ئۇنىڭغا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەكسىچە، شىنجاڭدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جازاسىدىن ئېغىر ئازاب چەكمەكتە».

ئاخباراتتا تەكىتلىنىشىچە، ئۆتكەن 2 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدىكى چاقىرىقلارغا پىسەنت قىلماي، ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇش، قىيناش، ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىشنى داۋام قىلغان؛ ئۇلارنى كەڭ كۆلەملىك تەقىب-نازارەت ئاستىغا ئالغان، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، ئائىلىلىرىنى خانىۋەيران قىلغان، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان، ئاياللارغا جىنسىي زوراۋانلىق قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ تۇغۇش ھوقۇقىنى چەكلىۋەتكەن.

2024-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك(Volker Türk) ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىشىۋاتقان باستۇرۇشنى ئېتىراپ قىلىپ، «شىنجاڭدا ھەقىقەتەن كۆپلىگەن بولمىغۇر قانۇن ۋە سىياسەتلەر بار» دېگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىپ قىلىپ، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، يوق قىلىۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە 2022-يىل ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى» ھەققىدىكى دوكلاتتا بېرىلگەن تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئۇلارنى بۇ تەكلىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە داۋاملىق چاقىرىدۇ».

كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر دوكلاتتا چىقىرىلغان يەكۈننى ھىمايە قىلىش ۋە خىتايغا بېسىم قىلىش مەسئۇلىيىتى بار ئىكەن. بۇ يىل 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەر بىردەك ئاۋاز چىقىرىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىدىن خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.