ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۈندىدار، چ چ توپ باشلىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى نارازىلىق قوزغىدى

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئىخشخانىسى يېقىندا ئۈندىدار سالونىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «ئەگەر توپ ئەزالىرى قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى يوللىسا، شۇ توپنى قۇرغۇچى ياكى توپ باشلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ» غانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن خەلق گېزىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. خەلق گېزىتىنىڭ ئۇقتۇرۇش ھەققىدىكى خەۋىرىدە «ئەگەر توپ باشلىقى ئۆزى قۇرغان توپقا دائىم كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولماي، توپتىكى ئۇچۇرلارنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇزمىسا، توپ ئەزالىرى قانۇنغا خىلاپلىق ئۇچۇرلارنى يوللىغان چېغىدا، توپ باشلىقىمۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىلىدۇ» دېگەن سۆزلەر نەقىل ئېلىنغان.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. تورداشلار ئۈندىدار ۋە چ چ سالونلىرىدا ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، «ئۇنداقتا ساقچىلارنىڭ لوگىكىسى بويىچە ئېيتقاندا، ئەگەر چايخانىدا ياكى قەھۋەخانىدا چاي، قەھۋە ئىچكەنلەر ئۆز-ئارا پاراڭلىرىدا «تاپتىن چىققان» سۆزلەردە بولسا، بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى چايخانا ۋە قەھۋەخانا خوجايىنلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈلەمدۇ؟ چ چ ۋە ئۈندىدار توپ باشلىقلىرىنىڭ ئۆز توپىدىكى ئەزالارنىڭ سۆزلىرىنى 24 سائەت نازارەت قىلىشى مۈمكىنمۇ؟! بۇ بەلگىلىمىلەر خەلق رايىغا ئۇيغۇن ئەمەس، ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىمۇ يوق. ئۇچۇرلارنى نازارەت قىلىشقا قويۇلغان تور ساقچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمەمدۇ؟ !» دېگەندەك نارازىلىق ئۇچۇرلىرىنى يوللىغان.

خىتايدىكى ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم بىر ئادۋوكاتمۇ رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ خىتاي قانۇن-تەرتىپلىرىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.