خىتاي دۇنيا بويىچە كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان
2016.01.16
خىتاينىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا خىتاي دۇنيا بويىچە كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي نوپۇسىنىڭ ئەڭ باي بىر پىرسەنتى پۈتۈن خىتايدىكى بايلىقنىڭ 30 پىرسەنتتىن كۆپ قىسمىنى ئىگىلىسە، ئەڭ نامرات 25 پىرسەنت نوپۇسى ئومۇمىي بايلىقنىڭ ئاران بىر پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.
«خىتاي خەلق تۇرمۇشى تەرەققىياتى دوكلاتى» ناملىق مەزكۇر تەتقىقات بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان.
ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتىدە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پروفېسسورى جوۋ شياۋجېڭ خىتايدىكى كىرىم پەرقىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىدا شەك يوقلۇقىنى ئېيتقان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، نامراتلار بارغانچە نامراتلىشىۋاتىدۇ، بايلار بارغانچە بېيىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنى بىلىشكە بىر تەتقىقات دوكلاتى كېرەك ئەمەس.»
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى كىرىم پەرقى باشقا چوڭ دۆلەتلەرگە قارىغاندا بەك ئېغىر بولۇپ، خىتايدىكى باي كەمبەغەللىك پەرقىدىكى ئەگىز - پەسلىك ئامېرىكىدىن ئۈستۈن ئىكەن.
دىپلومات تورىدا كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى كىرىم پەرقى 1979 - يىلىدىكى «ئېچىۋېتىش ۋە ئىسلاھات» دەۋرىدىن باشلاپلا كېڭىيىشكە باشلىغان.
خەۋەردە خىتاي«خەلق گېزىتى» دىكى باش ماقالىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى كىرىم پەرقىنىڭ خىتايدا مۇقىمسىزلىق يارىتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ خىل تەڭسىزلىك بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنمايدىكەن، ئۇلار بەلكىم جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈشى، ۋە كەلگۈسى ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشى مۇمكىن.»









