پۇقرالار ھوقۇقى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى يىللىق دوكلادىنى ئېلان قىلدى

خىتايدىكى ئاممىۋى تەشكىلات «پۇقرالار ھوقۇقى كۆزىتىش تەشكىلاتى» 9 - فېۋرال ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا، 2015 - يىلى ئاز دېگەندە 3000 نەپەر خىتاي پۇقراسى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولدى، دېدى. دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ«جەمئىيەت مۇقىملىقى ھەرىكىتى»نىڭ خەلقئارالىشىشقا يۈزلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خوڭكوڭ تۇڭلېۋەن كىتابخانىسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 5 نەپەر خادىمىنىڭ 2 نەپىرىنىڭ چەتئەل پۇقراسىى ئىكەنلىكى نەقىل ئېلىندى.

«پۇقرالار ھوقۇقى كۆزىتىش تەشكىلاتى»نىڭ مەسئۇلى جۇ فېيۆ سەيشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «2015 - يىلى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىدىن ناچارلاشقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش نامىدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى چېگرا ئاتلاپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە جىددىي دىققەت قىلىشى كېرەكلىكلىكى»نى بىلدۈردى.