خىتاي ھۆكۈمەت تورى 14-يانۋار پەيشەنبە كۈنى بەرگەن تەپسىلىي خەۋىرىدە، خىتاي دۆلەت مەجلىسى تەستىقلىغان «نومۇسسىزلارنى نوپۇسقا تىزىملاش مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر»نامىدىكى ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ، بۇ يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى نوپۇسقا ئېلىنماي قالغانلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە ئىلگىرى نوپۇسقا ئېلىنماي قالغان 8 تۈرلۈك كىشىلەر ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىلىپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپ تۇغۇلغانلار، نىكاھسىز تۇغۇلغانلار، تۇغۇلۇش گۇۋاھنامىسى بېجىرىلمىگەنلەر ، چەتئەللىكلەر بىلەن نىكاھسىز مۇناسىۋەتتە تۇغۇلغانلار، قانۇنىي رەسمىيەتلەرسىز بېقىۋېلىنغانلار، يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىنىپ كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنلەر، توي قىلىپ باشقا جايغا كەتكىنى ئۈچۈن يۇرتىدا نوپۇستىن ئۆچۈرۈلگەنلەر، باشقا يۇرتقا كۆچۈپ كەتكىنى ئۈچۈن نوپۇستىن ئۆچۈرۈلۈپ كېيىن ئۆز يۇرتىغا قايتقىنىدا نوپۇسسىز قالغانلار قاتارلىق 8 خىل «قارا نوپۇس» لارنىڭ شەرتسىز نوپۇسقا ئېلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇلتۇر ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدا، خىتايدا 13 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ نوپۇسسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
