خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قېلىش نىسبىتى ئاشماقتا
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كېلىپ ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا قېلىشنى خالايدىغانلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا ئاشماقتا.
-
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-02-24 -
-
-
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كېلىپ ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا قېلىشنى خالايدىغانلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا ئاشماقتا.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېلىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدە %60ke يېقىن ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر دىيارىدا قېلىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىغان.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ بۇ يەردە قېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىشىغا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت ۋەزىيىتى كەسكىن بولۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنىڭ كۆپ بولغانلىقى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى»نىڭ رولى ۋە«بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتى قاتارلىقلار سەۋەب بولماقتا ئىكەن.
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى «2015-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپەت دوكلاتى» ئېلان قىلىپ، 2015-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ %88.57 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ سانى 67 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىڭ ئوقۇغۇچى باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەنلەر ئىكەن.
ئەمما، مەزكۇر دوكلاتقا ئائىت خەۋەردە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ مىللەتلەر بويىچە نىسبىتى كۆرسىتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، قانچىلىك ئۇيغۇر ياشنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس.