مايكېل كلارك: «خىتاينىڭ شىنجاڭنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى كۆچمەنلەر مۇستەملىكىسىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان»
2023.09.06
ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى مايكېل كلارك 6-سېنتەبىر «دىپلومات» ژۇرنىلى» دا ماقالە ئېلان قىلىپ، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى، كۆچمەنلەر مۇستەملىكىسىنىڭ قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېھتىياجىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. مايكېل كلاركنىڭ ئېيتىشىچە، بەزىلەر خىتاينىڭ 2016-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىنى «شىنجاڭ ياكى شىنجاڭغا ئالاقىدار تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە قارىتىلغان، چۈشىنىشكە بولىدىغان ئىنكاس، دەپ قارىسىمۇ، لېكىن رايوندىكى باستۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ بىرلەشتۈرگەندە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پەقەت تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ خاسلىقىنى يوقىتىپ، خىتايلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە كۆندۈرگەندىلا ئاندىن خىتاي بىخەتەرلىككە ئېرىشىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدىكەن.
مايكېل كلارك «شىنجاڭدا بىخەتەرلىك نامىدىكى ئىجتىمائىي لايىھىلەش» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە يەنە، ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئۆزگەرتىشتە ئىككى قاتلاملىق ئۇسۇل قوللانغانلىقى، بۇ كۆچمەنلەر مۇستەملىكىسىنىڭ قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېھتىياجلىرىنى چىقىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالدى بىلەن خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ «رادىكاللىق ئىپادىلىرى» گە قاراپ، ئۇلارنى «ئىجتىمائىي تۈرلەر»گە ئايرىغان، ئاندىن كىملەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ «قايتا -تەربىيەلەش» ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بېكىتكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، كومپارتىيە يەنە دۆلەتنىڭ ھامىيلىقىدا ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە سانائەت تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنى كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان.
مايكېل كلارك، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق شەھەرلىشىشنى ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلەتكەنلىكى، بۇنىڭدىكى مەقسىتىنىڭ مەزكۇر رايوننى «نوپۇس، ئىقتىسادىي ۋە ئەمەلىي» جەھەتلەردىن ئاتالمىش«نورمال ئۆلكىگە» ئايلاندۇرۇشتەك ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشاننى چىقىش قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مايكېل كلاركنىڭ قارىشىچە، «شىنجاڭدا بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەنبەسى تېررورلۇق ئەندىشىسىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، بىراق كومپارتىيە ھازىر <قايتا-تەربىيەلەش> ۋە سىستېمىلىق نازارەت شىنجاڭنى ۋە بۇ رايوندىكى مۇسۇلمان تۈركىي ئاھالىلەرنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆزگەرتىشنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تەمىنلىدى» دەپ قارىماقتىكەن.