ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تور بېتىدە چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2019-يىلى باھار پەسىللىك ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپ ئىختىساسلىقلىرىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى» دەپ ئاتالغان بۇ پىلان بويىچە 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا مەخسۇس تەشۋىقات پونكىتلىرى قۇرۇلۇپ، تىزىملاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
خەۋەردە بۇ قېتىملىق ئادەم يۆتكەش نىشانىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەنلەر ۋە ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ئوقۇش تارىخى بارلار بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا 2 مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا قامىغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىگە ئادەم يۆتكەش خىزمىتىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن ئىدى.
تېخى بۇ يىل 4-ئايدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى غەربىي رايوندا خىزمەت قىلىشقا سەپەرۋەرلىك پىلانى» باشلانغان ئىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق قوبۇل قىلىش نىشانى 4000 نەپەر ئىكەن. ھازىرغىچە «غەربىي رايوندا خىزمەت قىلىش» سەپەرۋەرلىكى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 20 مىڭ نەپەردىن ئاشىدىكەن.
