خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومى 16-ئىيۇل كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، غەربنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاي كونترول قىلىش» ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كەڭ كۆلەمدە دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن رايوندىكى پارتىيە رەھبەرلىرى «رايونغا پايدىلىق يېڭى بىر تەشۋىقات ھەرىكىتى» قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ماقالىدا «دىپلوماتىك تەدبىرلەر» نى ۋە «قانۇننى ئىشلىتىپ»، غەربنىڭ ئېمبارگوسىغا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن ماقالىدا كونكرېت قانداق «دىپلوماتىك تەدبىرلەر» قوللىنىلىدىغانلىقى ۋە «قانۇنى ۋاسىتىلار» ئىشلىتىدىغانلىقى تىلغان ئېلىنمىغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى سىياسىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە نۇرغۇن غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ئەمما خىتاي بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە غەرب بىلەن بۇ توغرىلىق ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىپ كەلگەن. بۇ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى جازالىشىغا سەۋەب بولغانىدى. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايونلۇق پارتكوم «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدىكى ماقالىسىدە، يۇقىرىقى ئەيىبلەشلەرگە قارىتا قانۇن مېخانىزمىنى ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاشقى (كۈچلەر) گە قارشى كۈرەش» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «بىز تاشقى ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇن سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى، قانۇن بويىچە كۈرەش قىلىش ۋە خىتاينىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىشىمىز، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ھەم خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ‹شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاينى كونترول قىلىش› ئۇرۇنۇشلىرىنى قەتئىي مەغلۇپ قىلىشىمىز كېرەك».
ئۇيغۇر رايونىدىكى كومپارتىيە دائىرىلىرىنىڭ «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، غەربنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلۈكىگە قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال. بۇ ماقالە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن ئۆتكەن ھەپتە جاكارتادا خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل ئەزاسى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ ئارقىسىدىن ئېلان قىلىنغان.