خىتاي ھۆكۈمىتى تاجسىمان ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ئۆلۈشنىڭ ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.12.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 20-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ۋاڭ گۇيچياڭ شۇ كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈشتىكى ئۆلچەملەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ گۇيچياڭ «كلىنىكىلىق نۇقتىدىن ئالغاندا نۆۋەتتىكى ئومكرون باكتېرىيەسىدىن زەھەرلەنگەندىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئۆلۈمنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۈپكى كېسەللىكلەردۇر. ۋىرۇستىن زەھەرلىنىش تۈپەيلىدىن نەپەس سىقىلىپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلار بەكمۇ ئاز» دېگەن. ۋاڭ گۇيچياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەتلىك سەھىيە تارماقلىرى يېقىندا مۇتەخەسسىسلەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى ئۆلچەملەر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تەييارلىغان. بۇنىڭدا تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان ئۆپكە ياللۇغى ۋە نەپەس يولى قىسىلىش ھادىسىسى ئۆلۈمگە سەۋەب بولغان بولسا بۇنى تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن، دەپ ھۆكۈم چىقىرىش، ئەمما ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن بىمار باشقا كېسەللىكلەر ۋە ئەسلى كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتسە بۇنى تاجسىمان ۋىرۇسىدىن كېلىپ چىققان ئۆلۈم ئەمەس، دەپ بېكىتىش بەلگىلەنگەن.

بۇ يېڭى ئۆلچەم بويىچە بولغاندا خىتايدا يامراشقا باشلىغان تاجسىمان ۋىرۇسىدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى «باشقا كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن» دەپ ئايرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىدا ئۆلگەن كىشىلەر سانىنى ئاز كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. ئەمما بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ۋىرۇس يۇقۇمىدا ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا تەكرارلاپ كېلىۋاتقان بايانلىرىدىن زور دەرىجىدە پەرق قىلىدۇ. يەنە كېلىپ خىتايدا ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون كىشىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ئۆلۈشى تەخمىن قىلىنىۋاتقاندا بۇ خىل يېڭى ئۆلچەمنىڭ ئېلان قىلىنىشى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.