خىتاي تەرەپ خەلقئارا تەنقىدلەرگە قايتۇرما زەربە بېرىشنى كۈچەيتمەكتىكەن
خىتاينىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى جاھانغا ئاشكارە بولۇپ، قاباھەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئەيىبلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئۆزىنى ئاقلاپ، خەلقئارانىڭ تەنقىدلىرىگە قايتۇرما زەربە بېرىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتىكەن.
-
مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-04-09 -
-
-
خىتاينىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى جاھانغا ئاشكارە بولۇپ، قاباھەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئەيىبلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئۆزىنى ئاقلاپ، خەلقئارانىڭ تەنقىدلىرىگە قايتۇرما زەربە بېرىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتىكەن.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچىتىىسى» گېزىتى 9-ئاپرېل ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بىر خىتاي ئەمەلدارى ئاۋستارالىيەنىڭ كەنبېررا شەھىرىدىكى بىر تەتقىقات ئورگىنى بېكىتىپ چىققان يېڭى لاگېرلارغا ئائىت 90 پىرسەنت ئۇچۇرنى خاتاغا چىقارغان؛ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈي گۇيشياڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «لاگېر دېيىلگەن 380 بىنا ئىچىدە 343 بىنانىڭ مەكتەپ، ھۆكۈمەت بىناسى، دوختۇرخانا، ئائىلە قورۇسى ۋە سودا دۇكانلىرى ئىكەنلىكى» نى ئېيتقان ھەمدە بۇ بىنالارغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى «ئامېرىكانىڭ ياردىمىنى ئالغان خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ قالغان 37 بىنانىڭ قانداق بىنا ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغان.
شۈ گۇيشياڭ يەنە شىنجاڭ سانلىق مەلۇمات قۇرۇلۇشىنىڭ 3 سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن تەشكىل تاپقانلىقىنى، قالغان ئىككى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۇچۇر ئامبىرى ۋە ئۇيغۇر ۋاقىتلىق ئەدلىيە ئامبىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىنى خىتايغا قارشى تەشكىلاتلارنىڭ بەرپا قىلغانلىقىنى، بۇلارغا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئانالىزچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئۈچ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەرنىمۇ ئەيبلىشى خىتاينىڭ بۇ جىنايەت پاكىتلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئاشكارىلىنىپ، ئۆز جىنايەتلىرى ئۈچۈن پولاتتەك دەلىل بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن.