خىتاي «قانۇنغا بوي سۇنىدىغان» زىيارەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈىشتە بولۇشىغا يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ بۈگۈن، يەنى 7-مارت كۈنى بېيجىڭدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «ئىتائەتچان»، يەنى خىتاينىڭ قانۇنلىرىغا بوي سۇنىدىغان چەتئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتتە بولۇشىغا يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
-
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-03-07 -
-
-
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ بۈگۈن، يەنى 7-مارت كۈنى بېيجىڭدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «ئىتائەتچان»، يەنى خىتاينىڭ قانۇنلىرىغا بوي سۇنىدىغان چەتئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتتە بولۇشىغا يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ خىتاي تەرەپنىڭ «سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلغان ياكى خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان» تەكشۈرۈشلەرگە يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي باياناتچىسى لۇ كاڭ سۆزىدە يەنە ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنى ب د ت نىڭ ئاساسىي نىزام-پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
بۈگۈن رادىيومىز ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي باياناتچىسى لۇ كاڭنىڭ بۇ سۆزلىرىنى «خىتاينىڭ لاگېرلار ۋەزىيىتىنى دۇنيادىن يوشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى،» دەپ ئەيىبلىدى.
لۇ كاڭ سۆزىدە يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋەكىللىرى ۋە مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلغانلىقىنى، بۇ زىيارەتلەر داۋامىدا ئۇلارنىڭ ناھايىتى مول ۋە توغرا بولغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتاي تەرەپ تەلەپ قىلغان «ئىتائەتچان» تەكشۈرگۈچىلەر ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن.