خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، چەتئەللەردىن كىرگۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنى تىزىملاش ھەققىدە جەدۋەل تارقاتقان.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىن بېيجىڭ ياشلار گېزىتىنىڭ 17-مارتتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتايدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بۇ خىل جەدۋەللەر تارقىتىلىشقا باشلىغان. جەدۋەلدە 13 سوئالغا يەنى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان دەرسلىكلەرنىڭ تۈرى، مەزمۇنى، تەستىقلانغان ۋاقتى قاتارلىقلارغا جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنغان. 12-سوئالدا 2012-يىلدىن كېيىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان چەتئەل دەرسلىكىنىڭ تەستىقلانغان ياكى تەستىقلانمىغانلىقى ئالاھىدە سورالغان.
بۇ يىل 29-يانۋار كۈنى خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن ئالىي مەكتەپلەردە غەرب ئىدېئولوگىيىسىنىڭ تەسىرىنى چەكلەش ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىن كىرگۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنىڭ كونترول قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ پىكىرلىرى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئىنكاس قوزغىغان ۋە نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىق بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
