خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇنىڭدا يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشتا لازىملىق چاقىرىق قەغەز، كىملىك، نوپۇس يۆتكەش ئىسپاتى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇش ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپ تارىخى ۋە ئېلېكترونلۇق ئارخىپ ئۇچۇرلىرى بىلەن بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ تەپسىلىي تەكشۈرىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

ئۇندىن باشقا، ئۇقتۇرۇشتا يەنە سەنئەت ۋە تەنتەربىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان ئالاھىدە تۈردىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كەسپى بويىچە قايتا سىناپ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر چارىنىڭ خىتاي ئالىي مائارىپ ساھەسىدە يامرىغان ساختىلىق، كۆز بويامچىلىق ۋە «ئارقا ئىشىك» ھادىسىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.