چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ دەرسخانىلىرىغا كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورنىتىش قارارى بىر قىسىم ئادۋوكاتلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
خىتايدىن چىقىدىغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇيجۇ ئۆلكىسى ئۆز تەۋەسىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپ دەرسخانىلىرىغا كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. ھالبۇكى، مەزكۇر ئۆلكىدىكى تۆت نەپەر ئادۋوكات يۇقىرىقى قارارنىڭ پەن-تەتقىقات ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەردىن چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئادۋوكاتلار دەرسخانىغا كۆزىتىش پاراتى ئورنىتىش «سىنىپتىكى ئىجادىي پىكىرلەر ۋە ئەركىن مۇنازىرىلەرگە توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان» لىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، كۆزىتىش ئاپپاراتىغا قارىشى ئادۋوكاتلاردىن بىرى لى گۈيشەن مۇنداق دېگەن: ئوقۇتقۇچىلار سەزگۈر تېمىلاردا توختىلىپ، جازاغا تارتىلىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ، نەتىجىدە ئوقۇتۇش سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ.
ئادۋوكاتلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى دەرسخانىلارغا ئاپپارات ئورنىتىش بەلگىلىمىسىنى شەرھلەشكە، ياكى قانۇن ئالدىدا جاۋاب بېرىشكە چاقىرغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئالىي مەكتەپلەرگە قارىتىلغان چەكلىمىلەر كۈچەيتىلگەن. 2012-يىلىدىن بۇيان خىتايدا نەچچە ئونلىغان ئوچۇق سۆزلۈك ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى جازاغا تارتىلغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان.
خىتاي دائىرىلىرى مۇدەسسىر قاماققا تاشلىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ دەرسخانىسىغىمۇ كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورناتقان. كېيىن ئىلھام توختى سۆزلىگەن لېكسىيەلەر سوتتا جىنايى پاكىت سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن ئىدى.
