رويتېرس ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ «يېڭى شىنجاڭ» ۋە «ۋەتەنپەرۋەرلىك ساياھەتچىلىكى» نىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.06.18

رويتېرس ئاگېنتلىقى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئ‍ۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدە خەۋەر بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ «يېڭى شىنجاڭ» قۇرۇلۇشى ۋە «ۋەتەنپەرۋەرلىك ساياھەتچىلىكى» نىڭ ئارقىسىدىكى رېئاللىقنى ئاشكارىلىغان.

رويتېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مەقسىتى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر «قايتا-تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە قامالغان بۇ رايوننى «ۋەتەنپەرۋەر، كۆپ ئېتنىك مىللەتلىك، دىندىن خالى، خىتايچە سۆزلەيدىغان رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خىتاي ساياھەتچىلىرىنى بۇ رايونغا جەلپ قىلىش ئ‍ىكەن.

خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇخبىرلارنى شىنجاڭدا ئەركىن سەپەر قىلالايدۇ، دېسىمۇ، بىراق پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى ۋە پايلاقچىلارنىڭ مۇخبىرلارنى كېچە-كۈندۈز نازارەت قىلغانلىقى، مۇخبىرلار قەشقەر شەھىرىدە چۈشكەن مېھمانخانىدىن ئايرىلىپ، بىر سائەت ئىچىدە چىقىش ئىشىكىگە تىكەنلىك سىم تارتىلغانلىقى، ئوتتىن قېچىش ئىشىكىنىڭ قۇلۇپلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىرقىسىم يېڭى مەنزىرەگاھلار بېيجىڭنىڭ «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» ئۈچۈن سالغان لاگېر ۋە تۈرمىلەردىن ئازراقلا يىراق ئ‍ىكەن.

خەۋەردە، تەشۋىقات تاختىلىرىنىڭ ھەممە يەردە كۆزگە چېلىقىدىغانلىقى، رايوندىكى ساياھەتچىلىكنىڭ ئاساسەن ئىچكى ساياھەتچىلەرنى نىشان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.