ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئامېرىكادىكى ئاساسلىق فېدېراتسىيە پېنسىيە فوندلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە نەق پۇل مەبلىغى سېلىشىنى توسۇشقا كىرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
«ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقساراي 4-ماي كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە پېنسىيە فوندىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىغا 3 كىشىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن. 7-ماي كۈنى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئاقساراينىڭ بۇ كىشىلەرنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشتىكى مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، «ئېنىقكى، پرېزىدېنت بۇ مەبلەغنىڭ (خىتايغا) سېلىنىشىنى خالىمايدۇ. ئۇ بۇنىڭ باشقا يولىنى ئىزدەۋاتىدۇ. بۇ كىشىلەر بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ» دېگەن.
«ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ كۆرسەتكۈچىدىكى شىركەتلەر خىتاينىڭ خەيكاڭ رەقەملىك تېخنولوگىيە شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خەۋەردە، بۇ شىركەتنىڭ «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى ۋە ئۇلارنى خورلاشقا ئىشتىراك قىلىشى» سەۋەبلىك ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە ئېلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن. «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر يۇقىرىقى نامزاتلار كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتسە، كومىتېتنىڭ سابىق پرېزىدېنت ئوباما ۋاقتىدا تەيىنلەنگەن ئەزالىرى ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ 2017-يىلىدىكى قارارى بىكار قىلىنىدىكەن.
خەۋەردە، فېدېراتسىيە پېنسىيە فوندىنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا قايتۇرۇپ كېلىنىشكە باشلىنىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن. ئۆتكەن يىلى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شتاتلىق ئوقۇتقۇچىلار پېنسىيە سىستېمىسى، كالىفورنىيە شتاتلىق ئوقۇتقۇچىلار پېنسىيە سىستېمىسى قاتارلىق پېنسىيە فوندلىرىنىڭ خەيكاڭ شىركىتىگە مەبلەغ سالغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان.
