ئامېرىكا زەيتۇن توپچىلار ئىتتىپاقى ماھىرلىرىنى خىتاينىڭ گۆش مەھسۇلاتلىرىنى يېمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.05.04

ئامېرىكا دۆلەتلىك زەيتۇن توپچىلار ئىتتىپاقى (NFL) ئۆز ماھىرلىرىنى بۇلغىنىش مەسىلىسى تۈپەيلى خىتاي ۋە مېكسىكىنىڭ گۆش مەھسۇلاتلىرىنى يېمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتتىپاق ئۆز ماھىرلىرىغا يوللىغان مەزكۇر ئوچۇق خېتىنى ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلغان.

خەتتە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ۋە مېكسىكىدا ئىشلىگەن گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۇز كىسلاتاسىدىن چىقىدىغان خىمىيەلىك ماددا-كلېنبۇتېرول بىلەن بۇلغىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولۇپ، بۇ ماددىنىڭ ئامېرىكا زەيتۇن توپچىلار ئىتتىپاقى تەرىپىدىن چەكلەنگەن كۈچلەندۈرۈش دورىسى-ئانابولىك خاراكتېرى بار ئىكەن.

خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرگە بارغاندا كۆپلەپ گۆش يېيىش كۈچلەندۈرۈش دورىسىغا قارشى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، مۇسبىي تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىزنىڭ نىزاملىرىمىزغا خىلاپ.»

2011-يىلى مېكسىكىنىڭ زەيتۇن توپچىلىرى كۈچلەندۈرگۈچى دورا كلېنبۇتېرولغا قارشى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن. كېيىن ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى ماددا بىلەن بۇلغانغان گۆش يېگەنلىكى بايقالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.