خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغان تۈرلەرنى كۆپەيتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.03.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» تارقاتقان بىر خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونلۇق دائىرىلەر بۇ يىلدىن باشلاپ رايوندا «ئۈچ يىل ئىچىدە 375 مىڭ قۇرۇلۇش ئۇستىسىنى تەربىيەلەشنى، قۇرۇلۇش ساھەسىدە 300 مىڭ يېڭى خىزمەتنى قولغا كەلتۈرۈشنى ۋە يەرلىكتە 1000 قۇرۇلۇش شىركىتىنى يېتىشتۈرۈشنى» پىلانلىماقتىكەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى، خەۋەردە بۇ قۇرۇلۇش ئىشچىلىققا تەربىيەلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئالدى بىلەن رايوندىكى «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى پۈتتۈرگەنلەرنى، شەھەر – يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ۋە 80- 90- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلاردىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى» ئەسكەرتىلگەن.

بۇ ھەقتە ئېچىلغان مەخسۇس يىغىندا مۇنداق دىيىلگەن: «ئۇزۇندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇش گۇرۇپپىلىرى ئاساسلىق باشقا ئۆلكىلەردىكى ئىشچىلارغا تايانغان ئىدى. ھازىر شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى قېرىلىشىش ۋە ماھارەتلىك ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. ‹14-بەش يىللىق پىلان› مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ قاتناش، سۇ تېجەش، ئېنېرگىيە ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاساسلىق تۈرلەرنىڭ ئېشىشىدا قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىغا، بولۇپمۇ سانائەت ئىشچىلىرىغا بولغان ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ».

دائىرىلەر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپى قوشۇنى قۇرۇپ، شەھەر-يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، دائىرىلەر «ئۈچ يىلدا (2023-2025) شىنجاڭدا 300 مىڭ قۇرۇلۇش ئۇستىسىنى تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكەت پىلانى» نى ئېلان قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» نامىدا 2017- يىلىدىن باشلاپ لاگېرلارغا قاماپ كەلمەكتە. بۇندىن باشقا يەنە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى رايون ئىچى ۋە سىرتىدا پاختا-توقۇمىچىلىق، پەمىدۇر، كۈن تاختىسى باتارىيەسى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.