8 - فېۋرال كۈنى خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىك پروگراممىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن، تورداشلار تەرىپىدىن «مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر يىللىق خەۋەرلەر پروگراممىسى»،«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيە فىلىمى» دەپ ئەيىبلەنگەن. رادىيومىز قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ بۈگۇنكى خەۋەرلىرىدە 9 - فېۋرالدىن باشلاپ ئۈندىدار تورىدىكى مەركىزى تېلىۋىيە ئىستانسىسنىڭ چاغانلىق پروگراممىغا باھا سالونى تاقىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاينىڭ بەيدۇ تورىدىن «سىز چاغانلىق پروگراممىدىن رازىمۇ؟» دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئىزدەش نەتىجىسىدە، 8 - فېۋرالدىن 9 - فېۋرالغىچە باھالاشقا 110 مىڭ تورداش قاتناشقان. تورداشلارنىڭ 86% ى رازى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»، «خەلق گېزىتى» قاتارلىقلاردا چاغانلىق پروگراممىنىڭ خەلق رايىنى ئىپادىلىگەنلىكى خەۋەر قىلىنىپ، چاغانلىق پروگرامما رېژىسسورىنىڭ بۇ يىللىق چاغانلىق پروگراممىغا 100 نومۇر بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان. تورداشلار ئىنكاسلىرىدا رېژىسسورنى «نومۇسسىزلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە 2016 - يىللىق يىللىق چاغانلىق سەنئەت پروگراممىسىنى «پۈتۈنلەي سىياسىي تەشۋىقاتقا ئايلانغان» دەپ تەنقىدلىگەن.
رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغان تورداشلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۈندىدار قاتارلىق ئاممىۋى تورلاردىكى چاغانلىق پروگراممىغا باھا سالۇنى 9 - فېۋرالدىن باشلاپ ئېچىلمىغان.
