«ياۋروپا بىرلىكى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىلاتى»: خىتاي ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ياۋروپا بىرلىكى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىلاتى» خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى مەزكۇر مەسىلىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى.

بۇلارنى 11-مارت ب د ت 43 نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ياۋروپا بىرلىكى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن سوز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما تەتقىقاتچىسى رايەن بەرىي ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر بولماقتا. خىتاي ئۆتكەن 3 يىل مابەينىدە 1 دىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا تاشلىدى.»

ئۇ بۇ لاگېرلارنىڭ «ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە كونترول قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان» لىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە «قىيناش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ كۆلەملىك، ئېغىر ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەۋجۇت بولغان» شارائىتتىمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ مەسىلىگە كەلگەندە جىم تۇرۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋەزىيەت شۇنداق ئېغىر بولغان ئەھۋال ئاستىدا بىز بۇ مەسىلىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كۈن تەرتىپىدە مۇھىم ئورۇن ئالىدۇ، دەپ پەرەز قىلغان. ھالبۇكى، كېڭەشنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسى ئادەمنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ كەلدى. مىليونلىغان ئىنسان ئۆز ئىرادىسىگە قارشى ھالدا لاگېرلاردا تۇتۇپ تارىلىۋاتقان بولسىمۇ، تېخىچە بۇنىڭغا قارشى ھېچقانداق ئىش قىلىنمىدى.»

ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دەپ قارىلىۋاتقان بۇ مەسىلىنىڭ ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەقىدىسىنى ئۆلچەيدىغان سىناق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ئاخىرىدا ئىلگىرىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردىن كېيىن «ھەرگىز قايتىلانمىسۇن» دەپ ۋەدىلەرنى بېرىشكەن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە سوئال قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت دىكىلەر تەرىپىدىن پائال ئاياق-ئاستى قىلىنماقتا. خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەممەيلەنگە بېرىپ تاقىلىدىغان بىر مەسىلە.»

خىتايدا 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ لاگېرلارغا تاشلانغانلىقى سوئال تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئامېرىكادىن باشقا ئەللەر، جۈملىدىن ب د ت بۇنىڭغا قارشى كۈچلۈك رەۋىشتە ئىنكاس بىلدۈرمەي كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت