ئامېرىكا خەلقى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جىنايەتلىرىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىشنى قوللايدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.04.27

«دىپلومات» تورىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيىتىلىشىچە، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى ئىنكاسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، زىيارەت قىلىنغان 934 نەپەر كىشىدىن 81.9 پىرسەنتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ناھايىتى ئېغىر مەسىلە دەپ قارايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە دېموكراتلارنى قوللايدىغانلار 82 پىرسەنتنى، جۇمھۇرىيەتچىلەرنى قوللايدىغانلار 84 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن.

ئۇلاردىن يەنە «سىزنىڭچە خىتايدىكى ئەڭ جىددىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى نېمە؟» دەپ سورالغاندا 96 پىرسەنت كىشى كونكرېت مىسال بىلەن جاۋاب بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 12 پىرسەنت كىشى «خىتاينىڭ غەربىدىكى لاگېرلار» دېگەن، يەنە بىر قىسىملىرى «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىشچىلارغا قىلىنغان قەبىھ مۇئامىلە» دېگەن. زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى باشقا مىللەتلەرگە باققاندا ئۇيغۇرلاردىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە 15 پىرسەنت كىشى ئۇيغۇر دېگەن نامنى بىۋاسىتە تىلغا ئالغان؛ پەقەت 3 پىرسەنت كىشى باشقا مىللەتلەرنى تىلغا ئالغان. بۇنىڭدىن ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا بارغانچە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

تەكشۈرۈشتىن ئېلىنغان جاۋابلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا خەلقى مەيلى قايسى پارتىيەنى قوللىغان بولسۇن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زوراۋانلىقى ۋە قەبىھ باستۇرۇشلىرىنى بىردەك ھالدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دەپ قارىغان بولۇپ، بۇ مەسىلىنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب دەپ بىلىدىكەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشىنى قوللايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.