خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى خىتاينى ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-05-06
Share

خەلقئارا خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى 4-ماي كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىغا جازا تەدبىرى قويغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇلار خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئىلىم-پەن ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئېغىر تەھدىت، دەپ كۆرسەتتى ۋە خىتاينى ئوچۇق ۋە ئەركىن ئىلمىي تەتقىقاتلارغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا دۆلەتلىرى بولۇپ، جەمئىي 33 دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەپ، بۇ قىرغىنچىلىقتا مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارالغان بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىغا جازا تەدبىرى قويغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، 22-ۋە 26-مارت كۈنلىرى شىۋىتسىيە خەلقئارا ئىشلار تەتقىقات ئورنى خىتاي ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى بجورن جېردېن، ئەنگىلىيە نېيۇ-كاسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جوئاننې سىمىس فىنلېي ۋە ئامېرىكادىكى تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز قاتارلىق تەتقىقاتچىلارغا ۋە گېرمانىيە مېركاتور تەتقىقات ئورنىغا جازا تەدبىرى قويغان ئىدى.

خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى باياناتىدا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى دەلىل-ئىسپات بىلەن، سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئۇلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا رەددىيە بېرىش ئورنىغا، تەتقىقاتچىلارغا ساياھەت چەكلىمىسى ۋە خىتايدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ھەمكارلىشىش چەكلىمىسى قويدى. بۇ جازا ئىلمىي ئاتموسفېرانى جىمىقتۇرۇش ۋە خىتاي كومپارتىيەسى-دۆلىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بايان ياكى ئىدېئولوگىيىگە ماس كەلمەيدىغان تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەر قانداق ئالىم ياكى ئورگاننى قورقۇتۇش ئۇرۇنۇشىدۇر. بۇ ئەركىنلىككە ئېغىر تەھدىت بولۇپ، چوقۇم قارشى تۇرۇلۇشى كېرەك،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت