گىياۋاننا ئوكوننېل: «دۇنيا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق قەبىھلىكىنى يەنە قانچىلىك داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا قارار بېرىشى كېرەك»

ئامېرىكادىكى «پەقەتلا بىخەتەرلىك» تور بېكىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى گىياۋاننا ئوكوننېل ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە بارلىق خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، دۇنيانىڭ ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قەبىھلىكىگە جازاسىز يەنە قانچىلىك يول قويىدىغانلىقىغا قارار قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكادىكى «پەقەتلا بىخەتەرلىك» تور بېكىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى گىياۋاننا ئوكوننېل ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە بارلىق خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، دۇنيانىڭ ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قەبىھلىكىگە جازاسىز يەنە قانچىلىك يول قويىدىغانلىقىغا قارار قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، دۇنيا ئاخىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى توغرا ئىپادىلەپ، بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «جازا لاگېرلىرى» دېگەن ئۇقۇملار بىلەن ئىپادىلەشنى نورماللاشتۇرماقتىكەن.

گىياۋاننا ئوكوننېل «خىتاي شىنجاڭدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە ۋە ئاساسى قانۇنىغا قانداق خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، گەرچە ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى تەنقىدلىرىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «بۇ دەرىجىدىكى چوڭ كرىزىستا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن قانۇنى ۋە سىياسىي ئىجرائات بىلەن بىرگە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ بىردەك ئىنكاس قايتۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن».

ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر قايسى جەھەتلەردە قاتتىق خورلاۋاتقانلىقى، لىبېرال دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۇنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، بەزى تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قىلمىشىغا قارشى خەلقئارانىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ھەم كۆپ تەرەپلىمىلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا «دۇنيا ھازىر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىكى قەبىھلىكنى جازاسىز يەنە قانچىلىك داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قارار قىلىشى كېرەك» دېگەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org