ئېرىك ئابېتز: «خىتاي ھازىر ناتسىستلار باش كۆتۈرگەن ۋاقىتلاردىكى ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-11-17
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئىزچىل تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ كېلىۋاتقانىدى. 16-نويابىر كۈنى «ئاۋسترالىيەلىكلەر» گېزىتى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئېرىك ئابېتز نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇنغا دۇچ كېلىشى ھەمدە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ھالدا «بۇ ھال 1936-يىلى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلغىنىغا نەقەدەر ئوخشايدىغان بىر ۋەقە» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيە بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىدە بولغان دۆلەتلەرنىڭ ناتسىستلار ئىجرا قىلىۋاتقان لاگېرلار ۋە ئىرقىي زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىنى كۆرمەسكە سېلىۋالغانلىقى ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يانچۇقىنى تومپايتىشنىڭ كويىدا بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى.

ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى رېكس پاترىكمۇ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئادولف گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارنى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن مەنئى قىلغانلىقى، شۇنىڭدەك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ «بۇنداق ھادىسە بىزنىڭ زامانىمىزدا يەنە بىر قېتىم تەكرارلانماسلىقى لازىم. بولۇپمۇ ئاۋسترالىيە تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ بايرىقى قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالماسلىقى لازىم» دېگەن.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئابېتز خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىدە «ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىسىش» كوزىرىنى ئويناۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ «خىتاي ھازىر دۇنياغا ‹بىزنىڭ ۋەھشىلىكىمىزنى توسماقچى بولساڭ، بىزدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى پاش قىلماقچى بولساڭ بىز ساڭا ئىقتىسادىي جازا بېرىمىز› دېگەن ئۇچۇرنى يوللاۋاتىدۇ» دېگەن. شۇنداقلا مىليونلاپ كىشى لاگېرغا قامىلىۋاتقان مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە ھەقىقەت ئۈچۈن دىپلوماتىك ئېھتىياجنى ۋاقتىنچە بىرياققا قايرىپ قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئېرىك ئابېتز ئەپەندى ئىلگىرى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدە پەۋقۇلئاددە ئىشلار مىنىستىرى ۋە بېلىقچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت