ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشەن 13 - ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە كەلگەن خىتاي سىياسىي كېڭەش مۇئاۋىن رەئىسى ما پېيخۇاغا رايوننىڭ ئېكوگولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلايدىغانلىقىۋە قۇملۇقلارنى تىزگىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي سىياسىي كېڭەش مۇئاۋىن رەئىسى ما پېيخۇا باشچىلىقىدىكى مەركەزنىڭ بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى - ئاخىرى مەخسۇس قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردە تەكشۈرۈش ھەم كۆزدىن كەچۈرۈشتە بولغان. ئۇلار ئاساسلىقى رايوننىڭ نامراتلىققا ۋە قۇمللىشىشقا قارشى كۈرەش قىلىش ئەھۋالى، جۈملىدىن ئىجتىمائىي - سىياسىي مۇقىملىق ئەھۋالى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىدا ئاجىزلىق مەسىلىلىرى بارلىقى، مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن قۇملىشىشقا قارشى ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش يولىدا كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جاڭ چۈشەن ما پېيخۇئاغا ئېيتقان سۆزىدە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپى بويىچە ئاپتونوم رايونىنىڭ قەتئىي تۈردە نامراتلارنى يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا - كەنتلەردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنالشتۇرۇش ۋە باشقا خىزمەتلەرنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما پېيخۇا باشچىلىقىدىكى مەركىزىي سىياسىي كېڭەش ئۆمىكى يەنە توققۇزاق ناھىيىسىدە قوش تىلىنى كارخانىلار ۋە كەنتلەرگە ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىنى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
خىتاي سىياسىي كېڭەش ۋەكىللىرىنىڭ زىيارىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىر قىسىم جايلىرى، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىنىڭ قاتتىق بوراننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچالماي، كۆپلىگەن يولۇچىلارنىڭ تۇرۇپ قالغان ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن ئىدى.
