«ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ 14-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۇنياسىدىكى تەۋەككۈل مەبلىغى ساھىبلىرى خىتايدىكى دورىگەرلىك، چىش كېسەللىكلىرى ۋە بىئولوگىيەلىك تېخنىكىلار ساھەسىگە سېلىۋاتقان مەبلىغىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىشقا باشلىغان. بۇ بولسا خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن ئېغىر زەربە بولغۇسى، دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2021-يىلى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى بىئولوگىيەلىك تېخنىكا بازىرىغا سالغان مەبلىغى 19 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان بولسا 2022-يىلى مەبلەغنىڭ چېكىندۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن بۇ سان بىردىنلا سەككىز مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالغان. بۇ خىلدىكى مەبلەغ چېكىندۈرۈش ھەرىكىتىگە ئاساسلىقى خىتايدىكى ئىقتىسادىي ساھەنىڭ لىڭشىپ قېلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ سىياسىي جۇغراپىيە ساھەسىدە كۆرۈلۈۋاتقان جىددىيلىك مەسىلىسى سەۋەب بولغان. يەنە كېلىپ بۇ ھال ئىزچىل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايدىكى بىئولوگىيەلىك تېخنىكىلارغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا شېرىك بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانىدى. چۈنكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە قىرغىنچىلىقتا غەرب شىركەتلىرى تەمىن ئەتكەن بىئولوگىيەلىك تېخنىكىلار ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان بولغاچقا بۇ ساھەنى خىتاينىڭ كونترول قىلىۋېلىشى زور ئەندىشىلەرگە سەۋەب بولغانىدى.
«دىپلومات» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل يۈزلىنىشتىن ئىزچىل ئەنسىرەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار 2023-يىلى ئاۋغۇستتا «چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ساغلاملىق ۋە بىئولوگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشى مۇھىتىنى ياخشىلاش» ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمىنى ئېلان قىلغان. ئەمما ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، بۇ بەلگىلىمىلەر نامدا «مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش» دەپ ئاتالسىمۇ ئۇنىڭ مەزمۇنى ئەمەلىيەتتە چەتئەل شىركەتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى كۆزلىگەنىكەن.
