خىتاي ھۆكۈمىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەبلىغى ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلىغا قارىتا 139 مىليارد سوم (تەخمىنەن 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) ئاجرىتىپ، نامراتلىقنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تېخى بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك بولسا خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلاردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە مۇشۇ مەقسەتتە 26 مىليارد سوم چۈشۈرۈپ بەرگەن ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 31-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ مەبلەغ خىتاينىڭ نامرات رايونلىرى بولغان ئۇيغۇرلار دىيارى، تىبەت، شۇنىڭدەك سىچۈەن، چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق جايلىرىغا تارقىتىلىدىكەن. خەۋەردە خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلارغا تېخىمۇ زور مىقداردا ياردەم بېرىلىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلى «كۆك نامرات» لارغا خاتىمە بېرىشنىڭ ئاخىرقى سۈرۈكى قىلىپ بەلگىلىگەن بولۇپ، «كۆك نامرات» دېگەندە تېخىچە ئىپتىدائىي شەكىلدە ھايات كەچۈرۈۋاتقان ياكى بەكلا قالاق ھالدا قالغان تۇرۇۋاتقان كىشىلەر كۆزدە تۇتۇلىدىكەن.

ئەمما بىر قىسىم ئانالىزچىلار نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نامىدا ئاجراتقان مەبلەغنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسىدا ئۆلگەن كىشىلەرگە بېرىلگەن «ھال سوراش پۇلى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە ئىكەن. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان چىرىكلىك ۋە خىيانەتچىلىك ھادىسىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ «بېيجىڭدىن چۈشكەن بۇ پۇللار نامراتلارنىڭ قولىغا يېتىپ بارغۇچە ئۇنىڭدىن ھېچقانچە پۇل قالماسلىقى مۇمكىن» دېيىشمەكتە.