خىتاينىڭ دۆلەتلىك «ئېلېكتىر مەبلەغ شىركىتى» قىرغىزىستاندىكى نارىن دەرياسىدا ھىدرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى قۇرماقچى ئىكەن.
رۇسيەنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىچە، خىتاي دۆلەتلىك ئېلېكتىر مەبلەغ شىركىتى قىرىغىزىستاندىكى نارىن دەرياسىدىكى قازارمان شارقىراتمىسىدا ھىندرىئو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش لايىھىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بوللۇپ، بۇ ھەقتە خىتاينىڭ مەركۇز شىركىتى بىلەن قىرغىزىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئولېگ پانكىراتوۋ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ۋەكىلى نارىن دەرياسىدىكى قازارمان شاقىراتمىسىدا قۇۋۋىتى يۇقىرى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش لايىھىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان.
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، نارىن دەرياسىدىكى مەزكۇر خىتاي قۇرماقچى بولۇۋاتقان ھىدرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى لايىھەسىگە كېتىدىغان چىقىملارنىڭ سانى تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىغان.
