خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى ئېيىغا 2000 يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان كىرىم بىلەن ياشىماقتا

يېقىندا خىتايدىكى بىر مىلياردقا يېقىن نوپۇسنىڭ ئايلىق كىرىمىنىڭ 2000 يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. «خەۋەر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى جوڭتەي ئاكسىيە شىركىتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى لى شۈنلېي بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى «خىتاي دۆلەتلىك كىرىم تەقسىمات تەتقىقات ئورنى» نىڭ 2021-يىلىغا ئائىت تەتقىقات ماقالىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە، خىتايدا ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن تۆۋەن كىرىم بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ 964 مىليون ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاي نوپۇسىنىڭ 70 پىرسەنتىگە يېقىنلاپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئۇ خىتايدىكى «يىسەي» ناملىق ئىقتىسادىي خەۋەرلەر تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە يەنە، نوپۇس قېرىش مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى سەۋەبىدىن بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ماقالە خىتايدىكى «ۋېيبو» تور بېتىدە كەڭ تارقىلىپ، تورداشلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، خىتايدىكى تور ساقچىلىرى تەرىپىدىن دەرھال تازىلىۋېتىلگەن. بۇ ۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارغا نىسبەتەن قانچىلىك سەزگۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ۋە خىتايدىكى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىدىن كېيىن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىۋاتقانلىقى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۆي-مۈلۈك قۇرۇلۇش گۇرۇھى بولغان «دۆلەت باغچىسى» گۇرۇھىنىڭ قەرزىنى تۆلىيەلمەسلىكى بىلەن تولۇق ئاشكارىلانغان ئىدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭمۇ يېقىندا خىتاينىڭ دۆلەت تېلىۋىزىيەلىرىدە تارقىتىلغان يېڭى يىللىق نۇتقىدا ۋەزىيەتنى ئېتىراپ قىلىپ، خىتايدىكى ئىستېمالنىڭ ئاجىزلىشى، ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىشى ۋە سودىغا بولغان ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلىشىدەك سەۋەبلەر بىلەن ئىقتىسادىي كاساتچىلىق كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە «بەزى شىركەتلەر قىينىلىۋاتىدۇ، بەزى كىشىلەر خىزمەت تېپىش ۋە ئاساسىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇشتا قىينىلىۋاتىدۇ. بۇلار مېنى قايغۇغا سېلىۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.