«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلى خىتاينىڭ ئەمەلىي نوپۇس سانىنى يوشۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.07.19

ئامېرىكانىڭ «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلى 18-ئىيۇل ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئەمەلىي نوپۇس سانىنى يوشۇرغانلىقىنى، يەنى خىتاي نوپۇسىنى ئەمەلىيەتتىكى ساندىن كۆپتۈرۈپ كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

 «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكادىكى بىر خىتاي تەتقىقاتچى خىتاينىڭ ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى نوپۇسىنى ئەسلىدىكىدىن كۆپتۈرۈپ ئېلان قىلىپ كەلگەنلىكى، ئەمەلىيەتتە خىتاي نوپۇسى ئۇنىڭ رەسمىي ئېلان قىلغىنىدىن 100 مىليوندىن ئارتۇق ئاز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئامېرىكا ۋىسكانسېن-مەدىسون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نوپۇس تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىس يى فۇشيەن، خىتاينىڭ ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدا، نوپۇس سانىنى ھۆكۈمەتنىڭ مۆلچەرىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن نوپۇسنى «ناھايىتى يۇقىرى ھېسابلىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2023-يىلى ئېلىپ بارغان نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدا خىتاينىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنى بىر مىليارد 410 مىليون، دەپ ئېلان قىلغان. نوپۇس سانىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە ھىندىستان تۇنجى قېتىم خىتايدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. خىتاينىڭ ئەمەلىي نوپۇس سانى ھەققىدىكى پەرەزلەر، خىتاي تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ ئارتىشىدەك نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش جىددىي خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. تەتقىقاتچى يى فۇشيەننىڭ «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» گە ئېيتىشىچە، خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئىلگىرى خىتايدا 1991-يىلىدىن 2000-يىلغىچە 203 مىليون بوۋاق تۇغۇلغانلىقى، 79 مىليون ئادەم ئۆلگەنلىكى، 2000-يىلى خىتاي نوپۇسىنىڭ بىر مىليارد 270 مىليون بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەزگىل ئىچىدە ئەمەلىي تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ 164 مىليون 240 مىڭ بولغانلىقى، بۇنىڭدىن ئۆلگەن ۋە كۆچۈپ كەتكەنلەرنى چىقىرىۋەتكەندە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئىستاتىستىكىسىدىن 40 مىليون بوۋاقنىڭ ئاز تۇغۇلغانلىقى كۆرۈلمەكتە ئىكەن. يى فۇشيەن، بۇ خىتاينىڭ مەزكۇر نوپۇس سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن تۈزگەن نەچچە ئون يىللىق ئىقتىسادىي، تاشقىي ۋە مۇداپىئە سىياسەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خاتا بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.