بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەنقىدلەندى

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەش چۇقانلىرى ئىزچىل 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن بىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 18-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق تۈپەيلىدىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەر ھازىر مەزكۇر مۇسابىقىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاۋاتقان شىركەتلەرگە تەنقىد مەكتۇپلىرى يوللىماقتىكەن. نۆۋەتتە بۇ مەكتۇپنىڭ تۇنجى نۇسخىسى ئامېرىكادىكى Airbnb شىركىتىگە يوللىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى برايىن چېسكىغا ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلمەكچى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خىتايدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللاش ھەرىكىتىنى توختىتىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇد مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتىن ئەندىكىپ ئويغىنىپ، ھەقىقەتكە يۈزلىنىۋاتقاندا بۇنچە كۆپ شىركەتلەرنىڭ ‹قىرغىنچىلىق مۇسابىقىسى› دەپ ئاتاشقا تېگىشلىك بولغان مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنى قوللىشى ئادەمنى شۈركۈندۈرۈۋەتتى» دېگەن.

نۆۋەتتە خىتايدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاۋاتقانلار ئىچىدە «كوكا-كولا»، «ۋىزا»، «پاناسونىك»، «سەمساڭ» قاتارلىقلار بار بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە بۇ مەكتۇپ بۇ شىركەتلەرگە ئەۋەتىلىدىكەن.