خىتاي دۆلەت كابىنېتى دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ 2016 - يىللىق ئەدلىيە دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ «ناھايىتى ئاز ساندىكى قەبىھ جىنايەتچىلەر»گە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما دوكلاتتا ئۆتكەن يىلى قانچە ئاەمنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتايدا 2015 - يىلى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلۇپ ئىجرا قىلىنغانلار دۇنيادىكى باشقا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمى سانىدىن ئارتۇق ئىكەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2015 - يىلى خىتايدىن باشقا دۇنيا بويىچە جەمئىي 1634 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى دوكلاتىدا، دائىرىلەرنىڭ «ئۆلۈم جازاسىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئەدىلىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، بەزى جىنايەتلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما «بۆلگۈنچىلىك» قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سىياسى ئۆكتىچىلىرىنى بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ جازالايدىغان بولغاچقا، بۇ ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلىرىنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتىكەن.
دوكلاتتا، خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ نۇرغۇن ناھەق دېلولارنى تۈزەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرى جاۋابكارنى ئۇرۇپ ئىقرار قىلدۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ نۇرغۇن ئادالەتسىز سوت ۋە ناھەق ئۆلۈم جازالىرىغا سەۋەب بولغان.
