خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستان بىلەن يېقىنلىشىشنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تارىخىي باغلىنىشى ۋە ئېتنىك ئورتاقلىقى قويۇق بولغان ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشى، دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى تورى» 22-يانۋار كۈنى چىقارغان خەۋەرگە قارىغاندا، «خىتاي-ئۆزبېكىستان ھەمكارلىق مۇھاكىمە مۇنبىرى» يىغىنى 22-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. «ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئېچىلغان بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۆزبېكىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خوجايېف بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. ئۆزبېكىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خوجايېف خىتاينىڭ سىناقتىن ئۆتكەن دوست ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىغىنغا يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ ھەر قايسى ئوبلاست، شەھەر باشلىقلىرى، سودا ۋە كارخانا ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ئىچكىرى خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار ئىشتىراك قىلغان. يىغىندا 20 نەچچە تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر رايونى بىلەن سەمەرقەنت، تاشكەنت ۋە ئەندىجان ئوبلاستلىرى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ھەمكارلىقى ئورنىتىش؛ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا ھەمكارلىقى رايونى قۇرۇش، بىڭتۇەننىڭ ھەر قايسى دېۋىزىيە شەھەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئارا ھەمكارلىق تۈرى يولغا قويۇش قاتارلىق كېلىشىملەرنىڭ بارلىقى مەلۇم. ئۇنىڭدىن باشقا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جېنجياڭ شەھىرى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارمۇ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئىلگىرىكى خەۋىرىدە، ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرى ئابدۇللا ئارىپوفنىڭ ئۆتكەن يىل 9-ئايدا ئۈرۈمچىدە ما شىڭرۇي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، ئۆزبېكىستاننىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىدا خىتاينى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى. ئۆزبېكىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فەرھاد ئارزىيېفنىڭمۇ ئۆتكەن يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ، سۆھبەتتە بولغانلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئۆزبېكىستان بىلەن ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، ئۆزبېكىستاندىكى سودىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم، چۈنكى غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ياكى بايقۇت قىلىش داۋاملىشىۋاتقاندا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاراتقان ئېكسپورتىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. يەنە بىر بىر ياقتىن، بۇ ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىشى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىغىنى ھارپىسىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ يەنە ئۆزبېكىستاننى ئۆز يېنىغا تارتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.