خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارنىيى بولغان «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 25-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا ئەقلىي مۈلۈك ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنى چاقىرىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتناشقان.
يىغىندا ئەركىن تۇنىياز «ئەقلىي مۈلۈك ھەمكارلىقى» نىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە بۇ مەسىلىنىڭ رايون تەۋەسىدىكى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» نى ئالغا سۈرىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. شۇنداقلا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇشقا زور تۆھپە قوشۇش رولى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارمۇ مۇشۇ مەزمۇندا پىكىر قىلغان.
مەزكۇر يىغىننىڭ خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىنمۇ قويۇقلىشىۋاتقان، يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ماي ئېيىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن شىئەن شەھىرىدە مەخسۇس خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىنكى بىر پەيتكە توغرا كېلىشى زور دىققەت قوزغىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تۈپەيلىدىن غەرب دۇنياسىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا، جۈملىدىن ئۆزەك ساھەسىدىكى جازالىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يوسۇندا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن «ئەقلىي مۈلۈك ھەمكارلىقى» بويىچە ئىش كۆرۈشى نۆۋەتتە خىتاينىڭ غەربكە سوزۇلغان «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غا تېخىمۇ زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ھالبۇكى، ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ 2020-يىلىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىق قىلمىشلىرى ئامېرىكا ئۈچۈن يىلىغا 200-600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. دەل مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قارىتا تۈرلۈك ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى ئالغان ئىدى.
