ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىمپورت چەكلىمىسى قويغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» 15-ئىيۇن كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتىنىڭ 100 مىليارد 130 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 99.9 پىرسەنت ئاشقانلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان سودىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى تاشقىي سودىسىنىڭ 80.1 پىرسەنتنى ئىگىلىگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.
خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلار ئىچىدە، بولۇپمۇ يېڭى ئېنېرگىيە ئاپتوموبىلى (توكلۇق ئاپتوموبىل)، لىتىي ئىئونلۇق باتارېيە ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسىنىڭ «ئۈچ يېڭى مەھسۇلاتى» ئالاھىدە كۆپ ئىكەن.
يۇقىرىقى بۇ مەھسۇلاتلار ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ساھەلەر بولغانلىقتىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىمپورت قىلىنىشى چەكلەنگەن ياكى ئىمبارگو قويۇلغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ بازارلىرىغا بىۋاسىتە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلالماي تارتقان زىيانلىرىنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بازارلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق تولۇقلىماقچى بولغانلىقى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا شىئەن شەھىرىدە «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» نى چاقىرغان ۋە بۇنى «دەۋر بۆلگۈچ ھەمكارلىقنىڭ باشلىنىشى» دەپ مەدھىيەلىگەن ئىدى. بۇ جەرياندا خىتاي بىلەن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ھەمدە سودا كېلىشىملىرىنىڭ تۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
