خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنى شىئەندە باشلانغان

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخانلىق قىلغان ھەمدە شىئەن شەھىرىدە 18-مايدىن 19-مايغىچە ئېچىلىدىغان C+C5 يىغىنى، يەنى «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى» نىڭ مۇقەددىمىسى شۇ كۈنى باشلانغان. قازاقىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قىرغىزىستان رەھبەرلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىئەن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشنى باشلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېۋ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ كۈنى سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەتتە شى جىنپىڭ «مەيلى ئاۋاتلىق دەۋرىدە بولسۇن ياكى مۈشكۈلات مەزگىلىدە بولسۇن، بىز قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمىز» دېگەن. توقايېۋ بولسا بۇنىڭغا جاۋابەن «قازاقىستان ئىزچىل تۈردە ئۆزلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى كېڭەيتىش ئارزۇسىدا» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتنىڭ 2022-يىلىدىكى ئومۇمىي سودا مىقدارى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 17-مايدىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى شىئەن يىغىنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن خىتاي ھەر ئىككى تەرەپنىڭ جانىجان مەنپەئەتلەرگە بېرىپ تاقىشىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بەكمۇ زۆرۈر بولغان نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىن ئەتكۈچى سۈپىتىدە زور قىممەتكە ئىگە بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ نەزەرىدە خىتاي بازىرى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىكەن. يەنە كېلىپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان غەرب دۇنياسىنىڭ ئىقتىسادىي جازا چارىلىرى پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بوشلۇقنى خىتاي تېزدىن «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق تولدۇرۇشقا باشلىغان. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ چوڭ جەھەتتىكى كونتروللۇقىنى ساقلاشتا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق مۇناسىۋەت بەكمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور باستۇرۇشتا مىڭلىغان قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ كۆپ قېتىمقى خەلقئارا مۇنبەرلەردە «بىزدە ‹يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى› دېگەن سۆز بار. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەت دۆلىتىمىز بىلەن تەقدىرداش بولغان ياخشى قوشنىلاردۇر» دېگەن سۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يىغىن ئورنى ئۈچۈن شىئەن شەھىرىنىڭ تاللىنىشى قەدىمكى زاماندىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۆتىدىغان «يىپەك يولى» نىڭ سىمۋوللۇق رولىنى تەكىتلەش ئىكەن.