خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك كرىزىسى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭىيىشكە باشلىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.02.12

خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان ‍ئۆي-مۈلۈك كرىزىسى سەۋەبىدىن نەق پۇلغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرى ۋە قەرز بەرگۈچىلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۆي-مۈلۈكلىرىنى سېتىشقا چىقارغان.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نەق پۇلغا بولغان بۇ خىل ئېھتىياج «بازار كاساتلاشقاندا ئۆي-مۈلۈكنى سېتىشقا چىقىرىش خەۋپىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەن». خەۋەردە، ئۇلارنىڭ بۇ سېتىشتا قانچىلىك پۇلغا ئېرىشىشى، ئۆي-مۈلۈك بازىرى دۇچ كېلىدىغان ئاۋارىچىلىكنىڭ كونكرېت سوممىسىنى ئېنىق بېكىتىشكە ياردىمى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

«بلۇمبېرە خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، «ستارۋۇد كاپىتال گۇرۇھى» نىڭ مۇدىرى بارىي ستېرنلىت ئۆتكەن ھەپتە قەرز ئېلىش تەننەرخىدىكى ئارتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان دۇنياۋى كاساتچىلىق، خىزمەت بىنالىرىنىڭ قىممىتىدە بىر ترىللىيون دوللاردىن ئارتۇق چۈشۈشنى پەيدا قىلغان.

خەۋەردە، ئومۇمىي زىياننىڭ تېخى مەلۇم ئەمەسلىكى، چۈنكى سېتىلغان بىنا ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ قولىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلار ۋە بازار بۇ كاساتچىلىقنىڭ تېخىمۇ چوڭ زىياننى يوشۇرۇپ، بۇرۇن تۆۋەن باھادا كرىدېت قەرز ئالغان بانكا ۋە مۈلۈك ئىگىلىرىگە ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىشىدىن بىئارام بولماقتا ئىكەن.

نۆۋەتتە، خىتاي ئۆي-مۈلۈك ئىگىلىرى ۋە بىناكارلىق شىركەتلىرى زىيان تارتسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بېرى ‍ئەسەبىيلەرچە سېتىۋالغان چەت ئەلدىكى ئۆي-مۈلكىنى سېتىشقا چىقىرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى سودىسى ۋە قەرزىنى تۆلەشكە كىرىشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، گۇاڭجۇدىكى «ئاۋيۈەن گۇرۇھى» 2021-يىلى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىن سېتىۋالغان بىر ئۆي-مۈلكىنى ئۆتكەن يىلى ئالغان باھاسىنىڭ 45 پىرسەنت زىيىنىغا ساتقان.

ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئۆتكەن ھەپتە گۇاڭجۇ R&F ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭمۇ لوندوندىكى بىر مىليارد 340 مىليون دوللارلىق كۆچمەس مۈلكىنىڭ پاي چېكىنى سېتىشنى، شۇنداقلا كانارىي تاقىم ئاراللاردىكى بىر خىزمەت بىناسىنى 60 پىرسەنت زىيىنىغا سېتىشنى قارار قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانالىزچىلار بۇ خىل سېتىشنىڭ قانچىلىك تەسىرى بولۇشىنى بازارنىڭ بۇنى قانچىلىك جىددىيەتكە ئېلىشى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.