خىتاي ئىسلامابادا «شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش» تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ باردى

خىتاي خەۋەر ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەخسۇس پاكىستاننىڭ ئىسلاماباد شەھىرىدە «جۇڭگو شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش كۈنى» نامى ئاستىدا 3 - فېۋرالكۈنى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر تەشۋىقات پائالىيىتىدە ئىكران ئارقىلىق خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن بۇيانقى ئىقتىساد، جەمىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق ھەر ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن «زور نەتىجىلىرى» نامايەن قىلىنغان. خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇن ۋېيدوڭ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، سۆز قىلىپ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە 2 - فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىسلامابادتا زىيارەتتە بولۇپ، پاكىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىرلىكتە خىتاي - پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پاكىستان رادىيو شىركىتى، پاكىستان - خىتاي ئىلمىي جەمئىيىتى، خىتاي - پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى تاراتقۇلار مۇنبىرى، ۋە باشقا تاراتقۇلار ھەم مەتبۇئات ئورۇنلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، يېڭى تاراتقۇ ساھەسىدە بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ھاسىل قىلدى.

خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن پاكىستان رادىئو شىركىتى ئىككى تەرەپ يېڭى تاراتقۇلار سۇپىسى قۇرۇلۇشى، تېخنىكا كاپالىتى، ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىش مەسىلىلىرى بويىچە ھەمكارلىق ھاسىل قىلدى.