خىتاي بىلەن پاكىستان ئۇيغۇر ئېلى ۋە گىلگىت-بالتىستان رايونىدا قوراللىق قىسىملار مانېۋىرى ئېلىپ بېرىشقا كېلىشكەن

خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن مىڭگو بىلەن پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى موھسىن نەقۋى 22-سېنتەبىر كۈنى پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ساقچى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋە پاكىستاننىڭ گىلگىت-بالتىستان رايونىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بېرىشىغا كېلىشكەن.

خەۋەردە، ئىككى تەرەپ ساقچى ۋە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ قاچان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما پاكىستاننىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق رايونى» دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى» بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

پاكىستان رادىيوسىنىڭ 22-سېنتەبىر بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، چېن مىڭگو بىلەن موھسىن نەقۋىنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا نۇرغۇن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى، جۈملىدىن تېررورلۇق، ئەتكەسچىلىك ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

يېقىنقى يىللاردا، بېيجىڭ بىلەن ئىسلامئابادنىڭ قەشقەر-گىۋادار پورتى ئارىسىدىكى «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» نىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى بولغان بالۇجىستان رايونىدىكى ئەسلىھەلىرى «بالۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» نىڭ قوراللىق ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلگەن ئىدى. «ئەل-جەزىرە» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 8-ئايدا يۈز بەرگەن بالۇجىستاندىكى توقۇنۇش ۋە ھۇجۇملاردا 70 تىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن.

خىتاي-پاكىستان ئارىسىدىكى «تېررورلۇققا قارشى» بۇ ھەمكارلىق، بالۇجىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ تېخى ئۆتكەن ھەپتە جەنۋەدە ئۆتكۈزگەن يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەكلىپ قىلىنغان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇت يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن دوكلات بېرىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنغان. بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق بىر دەلىل بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى دىپلوماتىيە جەھەتتىنمۇ ب د ت دا قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.