ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيە دائىرىلىرى خىتاي پاراخوتىغا ئوق چىقىرىشىنى ئاقلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.06.21

جۈمە كۈنى ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيەسى ھىندونېزىيەنىڭ ناتۇنا ئارىلى تەۋەلىكىدە پەيدا بولغان خىتاي بېلىقچى كېمىسىگە ئوق چىقارغان ۋە كېمىدىكى 8 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى.

بۇنىڭغا خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى دۈشەنبە كۈنى پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ۋەقەدە ئارتۇقچە كۈچ قوللىنىپ خىتاي بېلىقچى پاراخوتى ۋە بېلىقچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ھەم ھىندونېزىيە تەرەپنى بېلىقچىلىق مەسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا تەدبىرىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

بۈگۈن ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي بېلىقچىلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن، تېررىتورىيە ھوقۇقى تەمەسى بىلەن مەقسەتلىك ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

7 ئەر، بىر ئايال كېمە خىزمەتچىسىنىڭ نۆۋەتتە راناي دېگەن جايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھىندونېزىيە باياناتچىسى ھىندونېزىيە تەۋەلىكىگە بېسىپ كىرگۈچىلەرگە، قولىدا نېمە بايراق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كەسكىن تەدبىر قوللىنىشتا ئىككىلەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.